-
بلۇگ بىلدۈرگۈسى - [زاماننىڭ سىرتىدا]
2009-07-04
بلۇگ بىلدۈرگۈسى
ئۆتكەن ھەپتە گۇاڭدۇڭ شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن ئېرقى قاتىللىق ۋەقەسى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئۆزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈستىدە جىددى ئويلۇنۇش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ ئۆتتى. يەكەندىكى نارەسىدە قىزلارغا پەسكەشلىك قىلىش ۋەقەسى قالدۇرغان يۈرەك ئازاۋى ئۈستىگە ئۇلۇشۇپلا پەيدا بولغان بۇ ۋەقە- ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ بەخىتسىز مىللەتنىڭ تەقدىرىنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىشارەتلەپ تۇرۇپتۇ.
- ھامان شۇنداق بولىدىغان تارىخى مۇقەرەرلىك ئىدى. بۇنداق ۋەقە يەنە بولىدۇ؛ چۈنكى جانابى ئاللا بىۋاستىلا ھەدىيە قىلغان خاسمۈلۈك ھېساپلنىدىغان ئۆزبەدىنىدىكى تۈككىمۇ ئىگە بولالمايۋاتقان بۇ ھالەتتە بۇ بىرقاتار ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ھېچ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە!
تور خاتىرىمىز ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر ئېچىنىدۇ. ئائىلە تاۋاباتلارغا چىدام ۋە سەبىر تىلەيدۇ. شۇنداقلا چوڭقۇر قايغۇسىنى بلۇگنى رەڭسىزلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
ئۇلۇغ ئاللا بۇ بەخىتسىز مىللەتنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، ئامىن!









评论