• قاننىڭ ئاۋازى - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]

    2009-07-04

    قاننىڭ ئاۋازى

    (6.26ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن)

    (1)

    قولىدا تۆمۈر كالتەك تۇتقان كىشىلەر

    سۇدەك تۆكۈلگەن قان

    ۋاقىتنىڭ قاراڭغۇ دېرىزىسىدىن

    ئۇچۇپ چىقتى.

    غۇييىدە يىللار

    تاش قەسىرلەر

    قوڭغىراق، مىڭ ئۆيدىكى گۈزەللەر

    ئەفسانىگە ئايلانغان بۆرە ئەرۋاھى

    بوسۇغام ئالدىغا كېلىپ ئاستىلا

    ئىشىك قوڭغۇرقىنى باستى.

    يۈگرەپ چىقتى كىچىك قىزىم

    قولىدا مېنىڭ سۈرۈتۈم

    چېچىدا ئانىسىنىڭ تاغىقى

    نەملەشكەن ئاۋازىدا «دادا، ئۇلار كىم؟» دەپ سورىدى.

    (2)

    ئۇلار ئەرۋاھلاردۇر

    ئۇلار قەبرىستان

    سۇدەك ئېقىپ كېلىدۇ ۋەھىمە سېلىپ

    تۆكۈلىۋاتقان قان.

    بىر ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھېچنىمە ئەمەس

    ئەتراپىمىزدا تۆمۈر قەپەس

    شادىمان سايراشقا كۆنۈك بۇلبۇللار

    تېرەكلەر، سۇۋادانلىق يوللار

    تاغ مەشرىپى ۋە ئاياللار

    تىرىكچىلىك غەملىرى مەڭگۈلۈك ھەۋەس.

    تاتارغان يۈزلەردە

    شەھۋەت يۇلتۇزلىرى پارقىرار غۇۋا

    سۈرگۈن شەھەرلەر، مۇساپىر سەھرالار

    تاشقا ئايلانغان مۇقام كۈيلىرى

    قارىغۇ رەستىلەرگە ئۇرۇلار تەكرار

    (3)

    ۋەھىملىك گۈزەل سۇيۇقلۇق

    ئېقىپ كېلەر يىراقتىن.

    ئۇنىڭ شاۋقۇنىغا ئاتلارنىڭ ھەسرەتلىك كىشنەشلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن

    ئۇ ئاۋازدىن زاغرا ناننىڭ ھېدى كېلىدۇ

    چىرايى مىستەك پارقىرىغان كىشىلەر

    ھاشار ئىشلەيدۇ

    بالىلار سوكىسىنى ئوينايدۇ.

    ئاققۇنلار كېلىدۇ ۋەھىمىسمان

    پويىزلار، ئايرۇپىلان، ئاپتۇۋۇز تامان

    كېلىدۇ سۈكۈتنىڭ باغرىنى يېرىپ

    شۇقەدەر ئاۋازلىق تامچىلايدۇ قان!

    ئاھ، سەن  سۇيۇق ئەتىرگۈل

    ئەرەپ شەھەرلىرىدە تۇغسەن، بايراقسەن

    لەپلىدەپ-لەپىلدەپ قىلىسەن جەۋلان.

    ئېزىلگەن خەلقىنى كۆرەشكە ئۈندەپ

    دەھشەتلىك سۈرەنلەر سالىسەن ھامان.

    مەن نەپرەتلىنمەن

    قاننىڭ ئاۋازىدىن ئەمەس

    تۆمۈر كالتەكلەرنىڭ كۈلۈشكەن ساداسىدىن ئەمەس

    ساقچىلارنىڭ قورالىدىن ئەمەس

    مىلتىققا قونۇپ سايراۋاتقان كەپتەر كۈيىدىن.

    شەپەقتەك قىزارغان يەرلەر ۋە تاملار

    سۇندۇرۇلغان رىشاتكا

    سۇنغان دەرەخلەر

    ئاۋۇ كىشىلەرنى كۆردۈڭلارمۇ؟

    (3)

    قوللىرىدا تۆمۈر كالتەك تۇتقان كىشىلەر

    يۈگرەپ ئۆتتى ئىشىك ئالدىمدىن

    ئىككى قىزىمنىڭ ۋەھىمىسىدە غال-غال تىترىدىم

    نەقەدەر قورقانچاقمەن ھە؟

    نەقەدەر نەپرەتلىكمەن ھە؟

    «قاننى قان بىلەن يۇيۇپ بولماس» دەيدۇ تاش ئەينەك

    قاننى يۇغىلى بولمايدۇ

    قاننىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ

    قان-مەڭگۈ قاندۇر

    «قانىغان قان»....

    (4)

    ئىچىمدە بىر ئاغرىق بار

    كۆكسۈمگە سانجىلىپ سۇنۇپ كەتكەن پىچاقتەك

    ئاغرىتىدۇ كېچىچە.

    چۈشۈمدە قان

    سۇدەك تۆكۈلمەكتە ۋەھىمىلىك شارقىراپ

    قوللىرىدا تۆمۈر كالتەك تۇتقان كىشىلەر

    قوغلاپ يۈرەر

    «ئۆلتۈرۋىتەيلى!» دېگىنىچە ۋاقىراپ...

     

     

     

     

     

     





    • 评论

    • شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ خىيالغا غەرق بولۇپتىمەن. شېئىر ... تارىخ ... ئۆتمۈش ...
    • ئىچىم بىر خىل ئاچچىق ، گىلىممۇ بىرخىل ئاچچىق ، بەدەنلىرىممۇ بىرخىل لەرزىدە تىترەيدۇ بۇ تىترەشنىڭ قورقۇش ياكى غەزەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن .

      قەلبىمدىكى ئاچچىقنى جاراھەتنى ...........................................................................................

      !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    • قەلبىمدە ئۆركەشلەپ توختاپ قالغان نىدايىمنىڭ يەنە رەت ئۆركەشلىگەنلىكىنى،ئۆركەشلىگەندىمۇ ئالاھىدىم تاشقىرى ئۆركەشلەۋاتقانلىقىنى تۇيماقتىمەن!