-
چۈشۈمدىكى ﯪيالغا... - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-07-01
چۈشۈمدىكى ﯪيالغا...
ئۆز رەڭگىنى يوقاتقان شۇ جىمجىتلىق
تامچىماقتا ئېچىرقىغان چۈشلەرگە.
سۆيگۈ ئەخلەت چېلىكىدە ئۇخلايدۇ
قول سوزىمەن چۈشۈمدىكى گۈللەرگە.
بولۇپ كەتتى ۋۇجۇدۇمدا گادىرماش
ئارمان،خورلۇق ،ئېتىقات ۋە كۆلەڭگە.
شۇ تاپ رەزىل پاھىشە بوپ رېئاللىق
نەپرىتىمگە ياقار گويا سەرەڭگە.
مۇزلاپ قالغان ئەتىرگۈللەر قەبرىسى
زاھىر بولار كېچىدىكى ئەينەكتىن.
چىقىپ قاپتۇ نۇزۇگۇمنىڭ رومىلى
قەبرىلەرنىڭ يېرىقىدىن-گىرۋەكتىن.
سالام ساڭا چۈشۈمدىكى ئەي ئايال
رومىلىڭنى يۈزلىرىڭدىن ئالمىغىن.
چۈشلىرىمگە كىرىپ تۇرغىن ،ۋەلىكىن
رېئاللىقتا ھەرگىز ياشاپ قالمىغىن!!!








