• قاتىللىق - [زاماننىڭ سىرتىدا]

    2009-06-25

     

    قاتىللىق

     

    ------ئاپتۇرى: مەلۇم بىر ھايات كىشى

     

    قاتىللىق ھەققىدە ئويلاپ قالدىم

    قاتىل بولىدىكەن

    ئۆلتۈرسە گەر ئادەمنى ئادەم.

    لىكىن جەڭ مەيدانىدا ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر قاتىل ئەمەس

    دەرمىزكەن قەھرىمان.

    ئازراق ئۆلتۈرگەنلەر مېدال ئالسا

    ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەنلەر سانىلاركەن سانغۇن

    ئەڭ چوڭلىرى نام ئالاركەن دەپ بۈيۈك سىياسىيۇن.

    قانچە جىق ئادەم ئۆلتۈرگەنسىرى

    ئاشىدىكەن شۇنچە ئابرۇيى.

     

    مەغلۇپ بولغانلىرى سادامغا ئوخشاش

    ئەسىر بولۇپ تۆكىدىكەن ياش.

    ئادەم ئۆلتۈرۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار

    جاللات دىيىلىدىكەن

    ئادەملەردىنلا تېپىلىدىكەن

    ئۆز قەۋمىنى ئۆلتۈرۈپ جان باقىدىغانلار

    قاتىللىقنى كەسىپ قىلغانلار.

     

    قاتىللىقنىڭ شۇنداق چىرايلىق ئىسىملىرى

    قاتىل ئاتىلىدىكەن پەقەت

    قاتىللىقنى قاملاشتۇرالمىغانلىرى.

     

    كوچىدا بىرسى -بىرسىنى ئۆلتۈرسە

    قاتىل بولىدۇ

    شەك يوق بۇ گەپكە.

    باشقا قاتىللىقنىڭ بار شەرەپلىك ناملىرى

    لىكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان نەرسە

    ئۆز قورسىقىدىكى بالىسىنى

    تۇغۇلماي تۇرۇپلا

    ئۆز ئانىسى بوغۇپ تاشلىسا

    ئۇنى نىمە دەيمىز؟

    سىياسىيۇن دەيمىزمۇ؟

    قاتىل دەيمىزمۇ؟

    پەرىشتە دەيمىزمۇ؟

     

    ئۆز ئايالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ

    ئۆز پۇشتىنى ئۆزى پۇل تۆلەپ

    قىردۇرغانلارنى نىمە دەيمىز؟

    قاتىل دەيمىزمۇ ياكى باشقا بىرنەرسە؟؟؟....

     

     

    بار تېخى ئايالى قىز تۇغسا تەتۈر قارايدىغان

    ئوغۇل تۇغسابېشى كۆككە يېتىدىغان

    قىز تۇغۇلسا ئايالىنى ئەيىپلەپ

    ھەتتا تۇغۇلماستا ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ

    مەيدىسىنى كېرىپ يۈردىغانلار..

    توۋا...توۋا....

     

     

    ياشىماقتىمەن ئۇلۇغ بىر زاماندا

    ئانىدىن-ئاتىغىچە

    تارتىنماي تۇرۇپ قاتىللىق قىلىدىغان.

    جەڭ مەيدانىدائەمەس

    ئۆز ئۆيىدە

    ئۆز پۇشتىنى چاقچاق قىلغاندەكلا

    ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان.....

     

    ئىلگىرى ئاتىلار

    ئىلگىرى ئانىلار

    پەرزەنتى ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغاكىرگەن بولسا

    بۈگۈن ئوپراتسىيە خانىغا كىرمەكتە

    ئۆز پەرزەنتىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن.

    ئىلگىرى پەرزەنتى ئۈچۈن جېننى تىككەن بولسا

    بۈگۈن بىلگىلى بولماس نىمە ئۈچۈن جان تىكىۋاتقىنى...

     

    جىنسىيەت ئۇلار ئۈچۈن بىر ئويۇن ،خالاس

    پىلانلىق تۇغۇت ئۇلار ئۈچۈن بىر باھانە خالاس

    ئۆز بالىسىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن

    ئارتىپ قويار بارچە گۇناھنى پارتىيەگە.

     

    پارتىيە شەرەپلىك،

    توغرا،

    مۇقەددەس.

    تۇغۇتنى چەكلەڭلار دىدى

    قورساقتىكى بالىنى ئۆلتۈرۈڭلار دىگىنى يوق

    قاتىللار ئۈچۈن پارتىينىڭ زادى رەھىمى يوق.

     

     

    ئۇلار قىلچە ياش تۆكمەي

    ۋىجدان ئازابى ھىس قىلماي

    قاتىللىق قىلىدۇ،

    ئۆز پەرزەنتىنى ئۆلتۈرىدۇ

    كەلگۈسىدە پارتىيە ئەزاسى بولىدىغان

    مىللەتلەر ئىتىپاقلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىللىرنى يارتىدىغان

    ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئەرلەر

    تۇغۇلماستىن كېتىدۇ ئۆلۈپ

    چۈنكى قانۇن

    تۇغۇلغانلارغا چىقىرىلغان

    ئوبىكتى ئەمەس تۇغۇلمىغاننىڭ......

     

     

    ئۇلارغا بىر ئات قويغۇم بار

    ئەمما بىلمەيمەن نىمە دەپ ئاتاشنى

    ھەممە كىشى كۆزۈمگە قاتىلدەك كۆرىنەر

    "ئانا"دىگەن سۆزمۇ "قاتىل!"دىگەندەك ئاڭلىنار

    دەردىمنى ئالىمەن شۇڭا كۆزۈمدىن

    سۇ ئورنىدا تۆكۈپ كۆز ياشنى

    قان ئورنىغا ئىچىپ كۆز ياشنى...

     

     

    بەدەر قاچقۇم كېلەر

    قانداقتۇ بىريەرگە

    قەلەم تۇتۇپ كەلگەن

    بالا ئىمىتىپ كەلگەن

    ناخشا ئوقۇپ كەلگەن

    غۇرۇر ھەققىدە سۆزلەپ كەلگەن

    ئىمان ھەققىدە باشقىلارغا دەرىس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان

    قاتىللاردىن قۇتۇلماق ئۈچۈن......

     


    历史上的今天: