• ئىقرار - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]

    2009-06-23

    چىقىپ كېلىمەن

    رېئاللىقنىڭ چۆچەكلىرىدىن

    سۆيگەنلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن

    سۆيمىگەنلەرنىڭ نەپرەتلىرىدىن.

     

    ناخشا ئېيتىمەن

    ئەڭ سەمىمى ئۈمۈتلىرىمدىن

    چوڭقۇر-چوڭقۇر سۈكۈتلىرىمدىن.

     

    قولۇمنى سوزىمەن

    رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان

    ماڭا تەۋە بەخىتلەر تامان.

     

    دۇئا قىلىمەن

    سۆيۈلۈشكە مۇيەسسەر بولغان

    كىشىلەرنى بولسا دەپ ئامان.

     

    پۇل سۇلالىسىنىڭ پەشتاقلىرىدا

    سېتىلىۋاتقان ئېتىقات

    مۇھەببەتكە سوۋغا -مەسخىرەم.

     

    ۋاقىت سەلتەنەتلىرىگە قارايمەن جىمجىت

    ئۆلىۋاتقان ئۆزۈمگە ۋە ھەم.

     

     


    历史上的今天: