• ئېسىلىپ ئۆلىۋالغۇچى - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]

    2009-06-23

     

    ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچى ئەبىدىيىلىك

    بىر ئۇچى تۈنۈگۈن

    ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كەتكۈچى قالدۇرغان نەرسە

    مەن ئۈچۈن مەڭگۈ بىر تۈگۈن

    ئاۋايلاپ يەشتىم قولۇمدىكى تۈگۈنچەكنى

    ئاقىرىپ كۆرۈندى ھېلىقى نەرسە

    ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچى ئەبىدىيلىك

    بىر ئۇچى ھېچنىمە.

     

    غۇۋا ئاۋازىڭدا چاقىرىلغان كىشى مەنمىتىم؟

    شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەشۇ چاقىرىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي

    ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.

    خەيزىگە قارا

    ئەي.......پويىزنىڭ ئاستىدا شېئر يېزىۋاتقان ئەرۋاھ.

     مەن

    قەغەزدىكى بىر رەسىممەن نىھايەت

    ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان

    چاچلىرىمدىن ساقىپ تۇرار

    زاماننىڭ قاپ قارا سۈيى

    زاماننىڭ قاپ قارا كۈيى


    历史上的今天:

    ئىقرار 2009-06-23