-
ھەيكەل - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-25
«كۆزۈمدىن يىت زامان، كۆزدىن يىت ماكان
مۇزلىغان قەلبىمدە رەڭگىڭ كۈل سىياق.
ئۈن تىنىسز كەلمەكتە گويا مەن تامان
رەھىمسىز بىر تەقدىر باسقانچە ئاياق. -
ئاغىينەم - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-24
ئاغىينەم
ساقچىدىن باشقا
قورال تۇتۇش مەنئى قىلىنغان كىشىلەر ئارا
مەن قورالغا ھەۋەس قىلمەن
بولۇپمۇ تاپانچىغا
-
ئۈچ غەزەل - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-24
(1)
چىمەنلەر ياشنىغان خىلۋەت ئارا سۇلاردا ئاقتىڭمۇ؟
قاقاس روھىڭنى تۇپراققا قىلىپ سەكپارە ياقتىڭمۇ؟
ئۈمىد گۈلشەنى توزغىتقان ناۋالارغا بېرىپ قانىڭ
ئۆزەڭ ئاسمانغا يىگانە ھامان باقتىڭم... -
بەش غەزەل - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-24
(1)
جىلۋىگەر تۈنلەر مېنى ئۆلتۈرگۈسى،
سىھرىگەر ئۈنلەر مېنى ئۆلتۈرگۈسى.
كۆيدى كۈن سەۋدا بېشىمدا چوغلۇنۇپ،
قاپقارا كۈنلەر مېنى ئۆلتۈرگۈسى.
تەن چاراسلار بەرقى ياشلىق ئەۋجىدە
يالىڭاچ گۈللەر مېنى ئۆلتۈرگۈسى.
-
خورسىنىش - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-17
خورسىنىش
نىكاھ زەنجىرلىرى شاراقلاپ
كۆڭۈل ۋاقىتقا ئۇرۇلىدۇ
ئۈنۈپ چىقار ئەتىرگۈل. -
بىرىنچى خاتىرە - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-17
(قىز تىلىدىن)
قەدەھتىكى ئاۋازىڭ توۋلار
چاچلىرىمغا يۆگەشكەندە تۈن.
قېچىۋاتقان كىيىكنى ئوۋلار
كەيىپ بولغان ئالقىنىڭ پۈتۈن.
قەدەھتىكى ئاۋازىڭ توۋلار
چاچلىرىمغا يۆگەشكەندە تۈن.
قېچىۋاتقان كىيىكنى ئوۋلار
كەيىپ بولغان ئالقىنىڭ پۈتۈن.
كۆزلىرىڭگە... -
ماۋزۇسىز - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-16
قەلەندەر كۈي كۈيلەپ ئۆتكەندە تۈندە
ئەينەككە چاپلىشىپ قالدى ئاي، يۇلتۇز.
كىملەرنى توۋلارسەن ئاڭلانماس ئۈندە
ئالەمدە يالغۇزسەن، ئالەمدە يالغۇز.
-
دەرەخ ۋە قۇش - [شېئرىيەت ئۇپۇقى]
2009-05-15
بەلكى دەرەخلەردىن تىلەيدىغاندىمەن
كۆپكۆك سۇبات ياكى سايىۋەن.
چوغدەك قىزىل ياپراقلار ھەمدە
شىلدىرلىغان كۈيلەر بى ئىۋەن.
-
بايرون شېئىرلىرىدىن - [تەرمىلەر]
2009-05-14
شېئرىيەتكە يېڭىدىن ئاشىق بولغان چاغلىرىم پوشكىن، بايرۇن، شېللىلارنىڭ شېئرلىرى ئەقلىمنى ئېلىپ كۆزۈم ۋە تۇيغۇمنى غەلەتلەپ ئاجايىپ تەسىرلەرنى قالدۇرغان. ئالامەت شېئرلاردە بۇ، دەيتىم ئىچىمدە يادلاۋىتىپ. تەرجىمان مۇھەممەت ئىمىنگىمۇ قايىللىقىم مۇشۇ شېئ... -
نەۋائى غەزەللىرىدىن - [تەرمىلەر]
2009-05-11
(1)
ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىلكەئسى ئەنۋارۇلھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەب، جامىدىن چىقتى سەدا.
غەيىر نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم،
يوقتۇر ئەي ساقى، مە...





















