• بىر مايمۇن مايمۇن ئويناتقۇچىغا تۇتۇلۇپ قىلىپ،ئەمدى تۈگەشتىم،ئۆلۈمنى كۈتمەكتىن باشقا ئامالىم قالمىدى،دەپ ئىنتايىن قورقتى.ئويلىمىغان يەردىن مايمۇن ئويناتقۇچى ئۇنى ئۆلتۈرمەي،ئۇنىڭغا قىزىل چاپان،شىلەپە كىيدۇرۇپ،ئىككى پۇتلاپ مېڭىشنى،ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىشنى،ئادەمنىڭ سىياقى ۋە ھەركىتىنى دوراشنى ئۇگەتتى.مايمۇن بۇلارنى بىر نەچچە كۈندىلا پۈتۈنلەي ئۈگىنىپ بولدى.مايمۇن ئويناتقۇچى ئۇنى قويغا مىنىپ ،قوينى چاپتۇرۇشقا بۇيرىۋىدى،مايمۇن كۆرەڭلەپ كەتتى؛مايمۇن ئويناتقۇچى ئۇنى ئىت قوشۇلغان ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ،ئىتنى چاپتۇرۇشقا بۇيرىۋىدى، ئۇ ئۆزىنى قوي ۋە ئىتتىن ئۈستۈن چاغلاپ ،تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ،مايمۇن قوي ۋە ئىتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ،ئۇلار مېنى ھۆرمەتلىشى كېرەك،دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.

  • بىر بۆكەن دۇشمەنگە يولۇقۇپ جېنىنى ئېلىپ قاچقاندا پۇتىغا مىخ كىرىپ كېتىپتۇ،ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى چىقىرالماپتۇ.ھەمراھلىرى ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشىپتۇ.چۈنكى مىخنى چىقىرالمىسا،ئۇ ئەت-ئۆگۈنگە قالمايلا شىرغا يەم بولىدىكەن.ئۇلار بۇ بۇرادىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن يايلاقتىكى باشقا جانىۋارلاردىن ياردەم سوراپ ،كىمدە-كىم مىخنى چىقىرىپ قويسا ئۇنىڭغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىپتۇ.
    بىركۈنى،قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جەنۇپقا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تۇرنا ئېلاننى كۆرۈپ پەسكە چۈشۈپتۇ.ئۇ